ئۇنتالمىدىم Untalmidim

ئۇنتالمىدىم
Untalmidim


دىلرەباھىم كۆزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
Dilrebahim közliringni untalmidim
بال-ھەسەلدەك سۆزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
Bal-heseldek sözliringni untalmidim

بۇ ھىجراننى يۈرەگىمگە سېلىپ كەتكەن
Bu hijranni yüregimge sïlip ketken
شۇ جىلمىگەر(؟) يۈزلىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
Shu jilmiger(?) yüzliringni untalmidim
(x2)

خازان بولدى سېنى باقلاپ كۆرەلمەستىن
Xazan boldi sïni baqlap körelmestin
تاڭ شامىلى ساچلىرىڭنى سۆيەلمەستىن
Tang shamili sachliringni söyelmestin

تولغىنىمەن نە قىلارىم بىلەلمەستىن
Tolghinimen ne qilarim bilelmestin
گۈل زىبايىن بويلۇرۇڭنى ئۇنتالمىدىم
Gül zibayin boylurungni untalmidim
(x2)

توختىمايدۇ يامغۇرلىرى نادامەتنىڭ
Toxtimaydu yamghurliri nadametning
گۈلى سۇندى ئېچىلماستىن ساداقەتنىڭ
Güli sundy ïchilmastin sadaqetning

يېگانەمەن چۆللىرىدە مۇھاببەتنىڭ
Yïganemen chölliride muhabbetning
ئىزىڭ قالغان يوللىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
Izing qalghan yolliringni untalmidim
(x3)

ئىزىڭ قالغان يوللىرىڭنى ئۇنتالمىدىم
Izing qalghan yolliringni untalmidim